9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى، چېن چۈەنگو سۆز قىلدى
ئاپتونوم رايونىمىزدىن پارتىيە 19 –قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق نامزاتلىرى ئاۋازغا قويۇپ بېكىتىلدى
ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر يىغىنىنى 6–ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىش قارار قىلىندى
ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 9 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 3 – ئومۇمىي يىغىنى 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى.
يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو سۆز قىلدى ھەم ئومۇمىي يىغىنغا ‹‹ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلاش خىزمىتى ۋە پارتىيە ۋەكىللەر يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا چۈشەنچە›› بەردى.
ئومۇمىي يىغىنغا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 73 ئەزاسى، 17 كاندىدات ئەزاسى قاتناشتى، بۇ بەلگىلىمىدىكى ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
ئومۇمىي يىغىندا تولۇق كېڭىشىپ مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر نامزاتلىرىنىڭ تەييارلىق نامزاتلىرى ئاۋازغا قويۇپ بېكىتىلدى؛ ‹‹ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، ج ك پ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋەكىللەر يىغىنىنى 2017 – يىلى 6 – ئاينىڭ ئاخىرى ئېچىپ، ئاپتونوم رايوندىن ج ك پ مەملىكەتلىك 19 – قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرىش قارار قىلىندى.
ئومۇمىي يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى ئېلىمىزدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىدا ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى چوڭ ئىش. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش بۇ يىلقى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئومۇمىي خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان ئاساسىي لىنىيە. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، ‹‹ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش›› مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ 2 – قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى، شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ۋە 12 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5 – يىغىنىغا قاتناشقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ‹‹بەش بىر گەۋدە›› ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈپ ۋە ‹‹تۆت ئومۇميۈزلۈك›› ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساس، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئىتتىپاق – مۇقىم قىلىش، ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ھەم ياخشى ئىشلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ ئىناق – ئىتتىپاق، باي – باياشات، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن كۈتۈۋېلىشى كېرەك.
مەنبەسى: شىنجاڭ گېزىتى
سالون ئىشلىگۈچى: رەناگۈل تۇرغۇن
مەسئۇل مۇھەررىر: مەخمۇتجان مەمەت
باش مۇھەررىر: ئابدۇسەمەت قاسىم
ئېلخەت ئادىرسى: aksu2008@163.com